3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىنجاڭ بىلەن دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ بىلەن دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يى گاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى يىفېي قاتناشتى. جۇڭگو بانكا - سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جوۋ لياڭ سۆز قىلدى.
ما شىڭرۇي سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەمدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مەركەزنىڭ پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، جەمئىيەت مۇقىم بولۇپ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، مۇھىم، زور پۇرسەت ۋە كەڭ ئىستىقبالغا يۈزلەندى. ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال قوللاپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىشى، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشىگە كۈچ قوشۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىش، مۇلازىمەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ ياخشى پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭدا زورىيىشى، كۈچىيىشى، قوش پايدىغا ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.
يى گاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. جۇڭگو خەلق بانكىسى سىستېمىسى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان خىزمەت لايىھەسىنى سىستېمىلىق تۈزۈپ، ياخشى پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىنى قوللاپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.
جوۋ لياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بانكا - سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بانكا - سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ شىنجاڭ بانكىچىلىقى، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە زىچ يېقىنلىشىپ بانكا، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا سىجىل ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلىرى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى قوللاپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ۋە يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەت، تەلەپلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بانكا، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنى خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي ساقلايمىز.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى، جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى قاتارلىق توققۇز پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالتە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، شۆ بىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى. دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە شىنجاڭدىكى تارماق ئاپپاراتلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.